باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوختۇرخانىدا دوختۇرلارنى يارىلاندۇرۇش ھادىسىلىرى كۆپەيدى

2014.08.25 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دوختۇرخانىدا جاھىللىق بىلەن كېسەلخانىنى ئىگىلىۋېلىش، داۋالاش تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، داۋالاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش، دوختۇرلارنى يارىلاندۇرۇش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆپەيمەكتە. 22-ئاۋغۇست بېيجىڭ شەھىرى دوختۇرخانىدىكى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، بۇ ھەرىكەتنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىمارنى مەركەز قىلىش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، داۋالاش كەسپىي سەۋىيىسى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى سەر خىللاشتۇرۇش لازىم. داۋالاش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، بىمارنىڭ داۋالىنىشتىكى رازىمەنلىكىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش ماجىرالىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى مەنبەسىدىن ئازايتىش كېرەك.

  دېمەك،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،زوراۋانلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش خادىملىرىنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەلىرى پات پات كۆرۈلۈپ تۇرماقتا.بەزى ۋەقەلەردە ھەتتا داۋالاش خادىملىرىنىڭ كوللېكتىپ ئېتىراز بىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىلگىرىكى داۋالاش زوراۋانلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىشكە چېتىلىدىغان كۆپلىگەن ھەرىكەتلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۈنۈمى بولغان بىلەن كېيىن يەنىلا كۆرۈلۈپ تۇردى.شۇڭا بۇنى تۈپتىن تۈزەشتە بىر شامال بىلەنلا زەربە بېرىش كۇپايە قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەنبەسىدىن تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ. داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ قوزغىتىش كۈچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر