26-ئاۋغۇست دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى شىڭ گۇامېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جياۋۇ ئۇرۇشىنىڭ 120 يىللىق خاتىرە مۇھاكىمە يىغىنى 27-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە دېڭىز ئارمىيەسى 88-پاراخوتىدا ئېچىلىدۇ. دېڭىز ئارمىيىسى يەنە ۋېيخەي دېڭىزى تەۋەلىكىدە دېڭىز ئۈستى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، جۇڭگو ئازداتلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئارمىيەسى قاتارلىق يەتتە چول ئورۇن خەۋەر باياناتچىسى تۇرغۇزدى، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز ئارمىيىسى پۈتۈن ئارمىيە ئورۇنلىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر ئىككى نەپەر باياناتچى تۇرغۇزغان ئورۇن بولۇپ، شىڭ گۇاڭمېي پۈتۈن ئارمىيەدىكى بىردىنبىر ئايال باياناتچى ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى