باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

پەرۋەردىگار بالامنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي

2014.08.27 10:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كارل ۋىتىر (گېرمانىيە)

  ئوخشاش بىر روھ ئىككى تەننى كونترول قىلغاندا، ئانىنىڭ ئارزۇسى ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىگە ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئانىنىڭ ئىرادىسى، ئۈمىدى، تەشۋىشى ھەم روھىي ئازابلىرى ھامىلىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئانىنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتىدۇ، شۇڭا، پەرزەنت تەربىيىلەشتە ، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىدىن باشلاش كېرەك.-داۋېنچ (ئىتالىيە)

  لاياقەتلىك بىر قىزنى جورىلىققا تاللىدىمپەرزەنت پەرۋەردىگارنىڭ ئارزۇسى بويىچە بۇ دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. بۇ دۇنيا پەرزەنتكە نىسبەتەن غەلىتە ھەم ناتونۇش بولۇپ، پەرزەنت بۇ دۇنيا ئالدىدا تولىمۇ ئاجىز. پەرۋەردىگارنىڭ بەندىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بالامنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن غەيرەتلىك ھەم جاسارەتلىك، راۋۇرۇس تەربىيىلەپ چىقىپ، ئۇنى تۇرمۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم. مەن بالامنى ئادەملىك گۈزەل ئەخلاققا ھەم ساغلام جىسمانىي قۇۋۋەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلايتتىم. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسى ئىككى ئۈچ ياشلارغا كىرگەندىلا، ئاندىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىدۇ، ئەمما مەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئىشنى ئاتا-ئانا بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئويلاش كېرەك، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئارزۇسىغا ماس ھالدا ساغلام، لاياقەتلىك بولۇشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

  كىشىلەر ئېيتىپ كېلىۋاتقان «يېقىن تۇغقانلارنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئات ھەم ئەڭ ياخشى ئىت نەسلىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ» دېگەن گەپلەر ئىنسانلارغا ماس كەلمەيدۇ. بۇنىڭغا ئۆزۈم كۆرگەن ئىشتىن بىرنى مىسال ئالاي: قوشنا كەنتتىكى ياغاچچى خانسىنگان ئۆزىنىڭ نەۋرە ھەدىسى بىلەن توي قىلغان. ئۇلار 10 پەرزەنتلىك بولغان بولسىمۇ، ئۈچى ئۆلۈپ كېتىپ، يەتتىسى ئوخشاشمىغان كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، خانسىنگان بىلەن ئايالىنىڭ جەمەتى بىزنىڭ بۇ يەردە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا كۆكلەپ كېلىۋاتاتتى، بىراق ئەمدى ئۇنىڭ ئىزىنى باسىدىغان ۋارىسى يوق بولۇپ قالدى، ھازىر ئۇ داۋاملىق مۇشۇنىڭ ئۈچۈن كۈن بويى ئازابلىنىپ ياش تۆكىدۇ، بىراق ئۇ كېچىككەن ئىدى، بۇ مىسالدىن يېقىن تۇغقانلار تويلىشىپ تۇغۇلغان بالىلار كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقى بولسۇن!

  بەزىلەر ئۆزىگە جورا ئىزدىگەندە، ئوخشاشمىغان نىيەتلەرنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، مەن بۇ خىل كىشىلەردىن تولىمۇ نەپرەتلىنىمەن، بەزىلەر : «قارىمامسىز، مېنىڭ ئائىلە ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس، شۇڭا جورا تاللىسام، نېمىشقا بولمايدىكەن؟ تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمنى ئويلاپ، پۇللۇقراق ئائىلىنىڭ قىزىنى ئالمىسام بولمايدۇ» دەيدۇ، يەنە بەزىلەر : « كېيىنكى كۈنلەردە تېز ئۆسۈپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك نام-ئابرۇي قازىنىش ئۈچۈن، باشقىسى بىلەن ھېسابلاشماي، نام-ئابرۇيلۇق ئائىلىنىڭ قىزى بىلەن تويلاشمىسام بولمايدۇ» دەيدۇ. بەزىلەر : «بەزىلەر ئايالىمنىڭ ئۇسۇلى مېنى جەلپ قىلىۋالغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ئىدىم» دېسە، يەنە بەزىلەر : «ئايالىم چىرايلىق بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان» دەيدۇ، بۇ خىل قاراشلارنىڭ ھەممىسى خاتا. ئۆزىمىز ھەم ئەۋلادىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن، چوقۇم ساغلام، قەلبى گۈزەل، ئاق كۆڭۈل ئايالنى جورىلىققا تاللىشىمىز كېرەك، مېنىڭچە، قارشى تەرەپنىڭ باشقىلار بىلىدىغان ئەيىبى بولمىسىلا، بىرەر مەقسەت ئۈچۈن ئۆزىگە جورا تاللاشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. مېنىڭ ئايالىم ئۇنچە گۈزەل ئەمەس، ئەمما بىز بىر-بىرىمىزگە بەك ئامراق، ئۇ ساپ دىل، ئاق كۆڭۈل بولغاچقىلا مەن ئۇنى تاللىغان. ئۇ ئىشچان، ئوقۇمۇشلۇق ھەم قائىدىلىك بولۇپ، ھەرقانداق ئەھۋالدا مېنى چۈشىنەتتى ۋە قوللايتتى. مەن بىر نامرات باستېر بولساممۇ، ھەتتا مەئىشەتلىك تۇرمۇش شارائىتىمىز بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىرەر قېتىم ئاغرىنىپ باققانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. كارل تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بارلىق ئانىلىق مۇھەببىتىنى قىلچە ئايىماي كارلنى پەرۋىش قىلدى. پەرۋەردىگارغا يۈزلەنگىنىمدە دائىم : «كارلنىڭ بۈگۈنكىدەك شان-شەرەپكە ئېرىشىشىنى، ئاق كۆڭۈل ئانىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ» دەپ ئويلايمەن.

  مەنبە: كارل ۋىتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر