خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ مۇخبىرى مەلىكەمنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:16-ئاۋغۇست كەچ 2-نۆۋەتلىك نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، 17 ياشلىق ئويغۇر قىزى دىلارە خۇشتەبەسسۇمى بىلەن دۇنيانى ئۆزىگە جەلب قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك ياشلار ئولىمپىك يىغىنى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش بايراقچىسى بولۇش بۇ قىزنى تېخىمۇ «بەخت-تەلەي تۇيغۇسى» غا چۆمۈلدۈردى.
دىلارە 1997-يىل 7-ئايدا تۇغۇلغان، ئىلگىرى ئۇ كېلىشكەن ئېگىز بويىغا ياراشقان كۆك رەڭلىك كىيىمى بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ گۇاڭجوۋغا ۋەكالەتەن شەھەر تەنتەربىيە يىغىنىغا قاتناشقان. شۇنىڭدەك جۇڭگو قىزلار كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA)غا قاتنىشىپ، ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە دىلارە شەنشى كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلىپ، تۇنجى يىلىلا شەنشى كوماندىسىنى چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان. شى جىنپىڭ ئولىمپىك كەنتىگە بېرىپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يوقلىغاندا، ئۇ يېقىن ئارىلىقتىن باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ياشلار ئولىمپىك يىغىنى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقچىسى بۇلۇش سۈپىتىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن ئىچىلىش مۇراسىمىدا بىللە رەسىمگە چۈشتى. بۇرۇن ھېچكىم تۇنۇمايدىغان ئويغۇر قىزى ھازىر بىراقلا تونۇلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى