خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19ياشلىق نۇرمۇھەممەت ئابدۇلىھېمىتنىڭ دېيىشىچە، جۈمە تاھىر داموللىنى «چوڭ ئىش قىلىش»، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسىتىدە ئۆلتۈرگەن. بىر بوۋايغا پىچاق تەڭلىگەندە ئىچ ئاغىرتىش تۇيغۇسىدا بولدۇڭمۇ؟ دەپ سورالغاندا «قانداقلارچە پالتىنى قولۇمغا ئالغىنىمنىمۇ ئەسلىيەلمەيمەن.... شۇ چاغدا كاللام قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قالغان ئىدى»، «بۇرۇن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئويلاپمۇ باقمىغان، خوتەنگە بېرىپ قانۇنسىز تەبلىغقە قاتناشقاندىن كېيىن مەندە بۇنداق نىيەت پەيدا بولدى» دېدى. 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللا بامدات نامىزىغا ئىماملىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن، 3 قاتىل ئۇنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى