باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئاقسۇ شۆبىسىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

2014.08.26 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، ئامانگۈللەر خەۋىرى: مەكتەپتە ئوقۇش باشلىنىدىغان كۈننىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن ئونسۇ ناھيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزا گۈلئاۋات كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېشىت مەپىز غەمگە پاتتى. ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساتقان بولسىمۇ قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر يىللىق ئوقۇش خىراجىتىنى غەملەشكە ئامال قىلالمىدى. يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئاقسۇ شۆبىسىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى زىيارەت داۋامىدا ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شۇ چاغنىڭ ئۆزىىدىلا ئوقۇش پۇلى غەملەپ ئابدۇرېشىت مەپىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

  يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئاقسۇ شۆبىسىدىن ئونسۇ ناھيەسىنىڭ گۈلئاۋات كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت داۋامىدا بىز قىزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىنى غەملىيەلمىگەنلىكلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق. بىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن سىلىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا دوكلات قىلدۇق. ئۇلار بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. قىزلىرىنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈشى ئۈچۈن بىز 4000 يۈەن ئىئانە قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق ياردەم قىلىمىز.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىئانە قىلغان 4000 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئابدۇرېشىت مەپىزنىڭ بىرقانچە ئايدىن بۇيانقى غېمى ھەل بولدى. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى قىزىغا تېلېفون بىلەن بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزۈپ: بالام، سىزنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىڭىز ئۈچۈن ئاقسۇدىن كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 4000 يۈەن بەردى. ئەنسىرىمەي ياخشى ئوقۇڭ، دېسى.

  ئابدۇرېشىت مەپىزنىڭ ئاران 5 مو يېرى بولۇپ، قىزى ئوقۇشقا ئۆتكەن كۈنىدىن باشلاپ ھەر يىللىق ئوقۇش پۇلى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى بولۇپ قالغان ئىدى.ئابدۇرىشىت مەپىز مۇنداق دېدى: يەردىن تۈزۈك كىرىم بولمايدۇ.بالىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن قوي كالىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋەتتىم.كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بالامنى داۋاملىق ئوقۇتۇشۇمغا ئۈمىد بېغىشلىدى.

  يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئوقۇتۇش مۇھىتى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت گۇرۇپپىسى مەكتەبكە 30 دانە يېڭى ئىش ئۈستىلى ۋە ئورۇندۇق سوۋغا قىلغاندا، مەكتەب مۇدىرى ئەسقەر نىياز مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئاقسۇ شۆبىسىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلىشىمىزغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.بۇنىڭ ئوقۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشقا زور ياردىمى بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيمىز. خىزمەت گۇرۇپپىسىغا رەھمەت.خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن خۇا مۇندساق دېدى: مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش بىزنىڭ” ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش،ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش“ خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك مەزمۇنى. بىزنىڭ خىزمەت پىلانىمىز بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشسىز قويماسلىق، مەكتەبكە ياردەم بېرىپ، بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. بۇنىڭدىن كېيىن بىز مۇشۇ نىشان ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەيمىز.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر