باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى پوچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

2014.08.27 16:09         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندىكى ‹‹پوسۇلكا ئېلىش›› دېگەن خەتنى چېكىپ، سەككىز خانىلىق پوسۇلكا ئېلىش شىفىرىنى كىرگۈزسىلا ئىشكاپ ئىشىكى ‹‹تىرىققىدە›› ئېچىلىدۇ. 14 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى خۇ يۈن پوچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئېلىش ئىشكاپىدىن ئۆزىنىڭ پوچتا يوللانمىسىنى ئوڭۇشلۇق ئالدى. خۇ يۈن مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپى بەك قولايلىقكەن، ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىغا قاراپ خالىغاندا ئېلىۋالسام بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە 14 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ تۇنجى تۈركۈمدىكى پوچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپى ئىشلىتىلىپ، پوچتا مۇلازىمىتىدە شەھەر ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىلدى. پوچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپىدا پوسۇلكىنى خالىغان چاغدا يوللاش ۋە ئېلىش ئىقتىدارى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، بىخەتەر بولۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغانلار بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئابۇنىچىلارنىڭ پوسۇلكىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەر ۋاقىت قوغدىلىدۇ. تۈنجى تۈركۈمدە ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان پوچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپى قۇرۇلۇش يولىدىكى نۇر سارىيى، بېيجىڭ يولىدىكى غەربىي رايون كاتتا مېھمانسارىيى ۋە خۇاڭخې يولىدىكى شىنجاڭ پوچتا شىركىتىدە تەسىس قىلىندى.

  ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپى يەنە پوچتالىيونلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. مەن نۇر سارىيىدا پوچتالىيوننىڭ C سالاھىيەت كارتىسىنى سۈركەپ، مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ پوچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپىنى ئاچقاندىن كېيىن، پوسۇلكا نومۇرىغا تەسۋىر چۈشۈرۈپ، پوسۇلكىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ يان تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ ئىشكاپقا سالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن پوسۇلكىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقىنى كۆردۈم. پوسۇلكىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشكاپقا سالغاندىن كېيىن، پوسۇلكىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى سىستېما ئاپتوماتىك تارقاتقان پوچتا يوللانمىسىنىڭ نومۇرى، ئالىدىغان مەخپىي نومۇرى، ئالىدىغان ئورۇن ۋە پوچتالىيوننىڭ يان تېلېفون نومۇرى قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلغان ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن. پوچتالىيون مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر پوسۇلكىنى ئايرىپ تەييارلاش ئۈچۈن سەككىز مىنۇتتەك ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر بىر مىنۇتمۇ كەتمەيدىغان بولدى. پوسۇلكىلارنى ئايرىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشكاپقا سالغاندىن كېيىن، ئارقا سەپ مۇلازىمەت سىستېمىسى ئارقىلىق پوسۇلكا ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن پوسۇلكىلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىمىز.

  شىنجاڭ پوچتا شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور ياۋ شىنگېن: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدە توردىن مال سېتىۋېلىش مىقدارى بارغانسېرى ئېشىپ، 2013 – يىلى 3 مىليون 330 مىڭغا يەتتى. پوچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپى تاپشۇرۇۋالغۇچى سىرتقا چىقىپ كەتكەندە، ھېيت – بايراملاردا پوسۇلكىنى يەتكۈزۈش قولايسىز بولۇشتەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا شىركىتى كېيىنكى قەدەمدە چوڭراق مەھەللە، مەكتەپ ئەتراپلىرىدا پوچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. بىر – ئىككى يىلغىچە شەھەر بويىچە پوچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپىدىن 100 دىن كۆپرەكنى ئورۇنلاشتۇرىمىز. پوچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پوسۇلكا ئىشكاپى ھەقسىز ئورنىتىلىدۇ، ئورنىتىشنى خالايدىغان مەھەللە ياكى ئورۇنلار 4523762 – 0991غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا ياكى ئالاقىلەشسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر