خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئاۋغۇست سائەت 12:20 لەردە، شىنجاڭدىن نىڭشاغا ماڭغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرى گۇاجوۋ ناھىيەسى تەۋەسىدە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان، ھازىرغىچە 13 ئادەم ئۆلگەن، يارىدارلار سانى ئېنىقلىنىۋاتىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئاپتوبۇسقا 55 يولۇچى تىزىملاتقان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە 61 ئادەم چىققان، 7 بالا شۇلار ئىچىدە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى