خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېلوروسىيە پايتەختى مىنسكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىن ھارپىسىدا، يىغىنغا قاتناشقان روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان بۇ يىغىندا، ئۈچ ئايدىن بۇيان كۆرۈشمىگەن پۇتىن بىلەن پوروشېنكو تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ ئاخبارات كاتىپى پېشكوف 25-ئاۋغۇست پۇتىن بىلەن پوروشېنكو 26-ئاۋغۇست مىنسكىدا ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى