- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئوقۇشلۇق» پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلدى
2014.08.27 16:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن، پۈتۈن ئارمىيەدە رەئىش شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش سىياسىي بۆلۈم «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئوقۇشلۇق» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوقۇشلۇق» دەپ ئېلىندى)نى تەييارلاپ چىقتى. «ئوقۇشلۇق» يېقىندا ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.باش سىياسىي بۆلۈم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ «ئوقۇشلۇق»نى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر