باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېلولىرى چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا تەڭ دەرىجىدىكى پارتكوم ۋە يوقۇرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا مەلۇم قىلىنىشى كېرەك

2014.08.27 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   26-ئاۋغۇست، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېلولىرى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى خىزمەت سۆھبەت يىغىنى چاقىردى. يىغىندا سىناق نۇقتىسىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، ساقلىنۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلۈپ، كېيىنكى سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئالاھىدە گۇرۇپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ خۇڭجۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  جاۋ خۇڭجۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغاندا يوقۇرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش رەھبەرلىرىنى ئاساس قىلىپ، يىپ ئۇچىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە دېلونى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشتا تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا مەلۇم قىلىش بىلەن بىرگە چوقۇم يوقۇرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتىغا مەلۇم قىلىش كېرەك، بۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېلولىرىنى بىرتەرەپ قىلىش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىدىكى زور ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ. سىناق نۇقتىسى خىزمىتى 4-ئايدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتكومنىڭ يۈكسەك ئېتىبار بېرىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا، ھەرقايسى سىناق نۇقتىلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇختا قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، سىناق نۇقتىسى خىزمىتىدە دەۋرىيلىك غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئومۇمىيۈزلۈك كېڭەيتىش ئۈچۈن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىدى ۋە ئاساس سالدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر