باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

2014.08.27 10:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنى 25-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا خامچوت قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلات، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يۇقىرىقى ئىككى دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: لايىھە خېلى پىشىپ يېتىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللاش تەكلىپ قىلىندى. يىغىندا مەمۇرىي دەۋا قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات، قانۇن چىقىرىش قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھات، ئېلان قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھات، دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى ئىزاھات، سۇغۇرتا قانۇنى قاتارلىق بەش قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھات، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى تەسىس قىلىشنىڭ قارار لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھات، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قۇرۇشنىڭ قارار لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنى 1-قوشۇمچىسى ھەم 2-قوشۇمچىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىزاھاتىغا ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى ۋە قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلە ھەققىدە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات سۇندى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە بۇنى جەزملەشتۈردى. يىغىندا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 2017-يىللىق باش مەمۇرى ۋە 2016-يىللىق قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلە ھەققىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى. يىغىندا يەنە ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر