باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ساخاۋىتى جايىدا بولدى

2014.08.27 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئەشمە بازار تۆۋەن ئەشمە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش يارىدەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەبلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە ئىلگىرى قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 14 ئوقۇغۇچىغا 31 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى.

  بۇ يىل چاڭچۈن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 8000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى قادىر ياسىن كۆز چاناقلىرىدا ھاياجانلىق ياشلىرى لىغىلداپ تۇرغان ھالدا مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىىنىڭ بۇنداق ئالاھىدە ياردىمىگە ئېرىشىپ قالارىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. بۇ، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر ئۈچۈن چوڭ قوللاش، چوڭ ياردەم، رىغبەت بولدى. مەن بۇ قېتىم ياردەمگە ئېرىشكەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن چۇقۇم ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشۇمنى تاماملاپ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بولغان چۇڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى ئەمەلىي نەتىجەم ئارقىلىق بىلدۈرىمەن.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياڭ كەيشىن مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدىن ئالىي مەكتەبلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بۇ يىلدىن باشلاپ ياردەم بىرىش ئارقىلىق بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ئوقۇش جەھەتتىكى ئاساسلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خىزمىتىمىزنىڭ باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى كۆپەيتىپ كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇ ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى تۈپ مەخسەت قىلدۇق.ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلنى مايىل قىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش»پائالىيىتى بويىچە يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئەشمە بازار تۆۋەن ئەشمە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ كەنتكە كەلگەندىن بۇيانقى بەش ئاي جەريانىدا، ئاممىنىڭ ئاساسىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەۋزەل سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، مىننەتدارلىقىنى كۈچەيتىش نىشانى بويىچە دېھقانلارنىڭ سۇچىلىق، تاشيول، توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش، تېرىلغۇغا ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلەرگە 410 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ياردەم قىلغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر