باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاماس پەلەستىننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى بولۇشىنى قولايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2014.08.27 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 23-ئاۋغۇست بىز پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباسقا پەلەستىننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىمىز ھەققىدە بىر يازما ۋەدىنامە تاپشۇردۇق، دېدى.

  ئابباس 21- ۋە 22-ئاۋغۇست قاتاردا خاماسنىڭ قاچاق رەھبىرى خالىد مەشئەل بىلەن ئۇچراشتى. خاماس كۆرۈشۈشتىن كېيىن پەلەستىننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى بولۇشىنى قوللاشنى قارار قىلدى. خاماسنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇسا مۇلزۇك سۆھبەتكە قاتناشتى، ئۇ خاماس ئابباسنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆججەتكە ئىمزا قويدى، دېدى.

  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى گوللاندىيەنىڭ گائاگادا تەسىس قىلىنغان، «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رىم ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەر شەخسلەر ئۈستىدىن ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شىكايەت قىلسا ياكى سوتتىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. پەلەستىن 2012-يىلى 29-نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى ئاپپاراتلار ۋە شەرتنامىلارغا، جۈملىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

  پەلەستىندە نۇرغۇن كىشىلەر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن. ئىسرائىلىيە ئالدىنقى ئايدا چېگرانى قوغداش ھەرىكىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا كىرىش ساداسى كۈچىيىپ كەتتى.

  ئىسرائىلىيە ئوخشاشلا «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رىم ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى دۆلەت ئەمەس. تاراتقۇلارنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دەپ قارالدى: پەلەستىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا كىرىپ، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئۇرۇش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن شىكايەت قىلىپ قالسا، ئۆزىمۇ زوراۋانلىق ھۇجۇمى قوزغىغانلىقى سەۋەبلىك شىكايەت قىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. پەلەستىندىكى قوراللىق گۇرۇھ ئىسلام غازات تەشكىلاتى 23-ئاۋغۇست پەلەستىننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا كىرىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خاماسنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىززەت لىشىك 23-ئاۋغۇست: خاماس خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيدۇ، ھازىر ئابباسنىڭ تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

  ئىززەت لىشىك مۇنداق دېدى: بىزنىڭ زېمىنىمىز ئىشغال قىلىۋېلىندى، كۈندە دىگۈدەك ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىمىز، جەڭچىلىرىمىز ئاۋامنى قوغداۋاتىدۇ. بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن راكىتامىيوت قويۇپ بەردۇق. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇ قېتىمقى ۋە ئىلگىرىكى بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشلارنى ئىسرائىلىيە قوزغىدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئابباس ئالدىنقى ئايدا پەلەستىندىكى بارلىق سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ يازما ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا كىرىش تەرتىپىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى ئابباسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خاماس پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئەمەس.

  ئابباس مىسىردا پەلەستىن بىلەن ئىسرالىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېڭىشىشىگە قاتناشقاندا مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا كىرىش ھەققىدە تېخى ئاخىرقى قارار چىقارمىدۇق، دېگەن.

  پەلەستىننىڭ بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكا قوشما شىتات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنىشى چېتىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈش يەكۈنىنى ساقلاۋاتقان بولۇشى، يەكۈن چىققاندىن كېيىن ئاندىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا كرىش تەرتىپىنى باشلىشى مۇمكىن.

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياخۇنىڭ ئىشخانىسى خاماسنىڭ يېقىنقى بۇ ھەرىكىتىگە تېخى باھا بەرمىدى. ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مىسىلىسىنى مۇشۇ ئىككى دۆلەت بىۋاسىتە ھەل قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رىم ئەھدىنامىسى» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بۇ ئەھدىنامىگە ئەزا 60 دۆلەت ئىمزا قويغان ۋە تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن قۇرىلىدۇ. 2006-يىلى 1-نويابىرغىچە، 134 دۆلەت «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رىم ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەردىن جۇڭگو، رۇسىيە، ئامېرىكا بۇ ئەھدىنامىگە قاتناشمىغان، ئىسرائىلىيەمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قاتناشمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر