باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جوۋ چياڭ: جوۋ يۇڭكاڭنىڭ تەكشۈرۈلۈشى تۈزۈم قەپىسىنىڭ سىرتىدا ھوقۇق مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ

2014.08.27 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋە مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ 26-چېسلا بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ جوۋ يۇڭكاڭغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلىشى، سوتسىيالىستىك جۇڭگودا تۈزۈم قەپىسىنىڭ سىرتىدا ھوقۇق مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھەمدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىدىن چەتنەپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  26-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش، پاك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە يىغىندا جوۋ چياڭ يۇقىرىقىلارنى بايان قىلدى.

  جوۋ چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، قاتتىق تەربىيەلەپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ ۋە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئەدلىيە ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پاك قانۇن يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ھەمدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

  يىغىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى شېن دېيۇڭ مەركەزنىڭ جوۋ يۇڭكاڭغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنىڭ روھى بىلەن يولداش مېڭ جيەنجۇنىڭ مەركەز سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

  جوۋ چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ جوۋ يۇڭكاڭغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلىشى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى ھەمدە پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى يېڭىلاشتەك سىياسىي جاسارىتىنى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. بۇلار سوتسيالىستىك جۇڭگودا تۈزۈم قەپىسىنىڭ سىرتىدا ھوقۇق مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھەمدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىدىن چەتنەپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى ياكى پارتىيەلىك تارىخىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئوخشاشلا پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا ھەممىسى چوقۇم پارتگۇرۇپپىنىڭ تەربىيەسى بىلەن نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر