باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاندىيەدىكى بارداربۇنگا يانار تېغى پارتلاپ قالسا ياۋروپاغا قانچىلىك زىيان بولىدۇ؟

2014.08.27 10:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسلاندىيەدىكى بارداربۇنگا يانار تېغىدا بىر ھەپتە ئىگلىرى جانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئىسلاندىيە ھاۋا رايى ئىدارىسى غىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغاندىن كېيىن، ئىسلاندىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى قىزىلغا ئۆستۈردى، ھەمدە بارداربۇنگا يانار تېغى ئەتراپىدا ۋاقىتلىق ئۇچۇش مەنئىي قىلىنغان رايون قۇردى، لېكىن ياۋروپا ئاۋىياتسىيەسى تىرانسپورتى ۋاقتىنچە كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ئىگىلىنىشچە، بارداربۇنگا يانار تېغى بۇندىن 100 يىل ئىلگىرى پارتلىغان ئىكەن.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، ئىسلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇزلۇق-ۋاتناكۇل مۇزلۇقىدا ھەرىكىتى يەر تەۋرەش كۆپىيىپ كەتكەن، مۇز قاپلىمىسىدا كىچىك دائىرىدىكى يەر تەۋرەش نەچچە مىڭ قېتىم يۈز بەرگەن. ۋاتناكۇل مۇزلۇقى ئىسلاندىيەنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان، بۇ مۇزلۇقنىڭ 500 مېتىر چوڭقۇرلۇقىغا ئىنتايىن چوڭ بىر يانار تاغ سىستېمىسى يوشۇرۇلغان، بارداربۇنگا يانار تېغى دەل بۇ يانار تاغ سىستېمىسىنىڭ بىر قسىمى. ئىسلاندىيە ھاۋا رايى تارماقلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئۇدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن قارىغاندا، يانار تاغنىڭ پارتلاش ئېھتىماللىقى بار، ۋولقان مۇزلۇقنى تېشىپ چىقسا، مۇزلۇقلار ئېرىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىدۇ، دېدى. لېكىن يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، ۋولقان نەچچە يۈز مېتىر قېلىنلىقتىكى مۇزلۇقنى تېشىپ چىقالمايدۇ، ۋولقان مۇزلۇقنىڭ ئاستىدا قالىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  ئىسلادنىيە پۇقرالارنى قوغداش مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئىسلاندىيەدىكى يانارتاغ تەتقىقات ئەترىتى 23-ئاۋغۇست چۈشتە يانار تاغنىڭ ئەتراپىغا بېرىپ، تەكشۈرۈشنى باشلىدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھازىر يانارتاغ ھەرىكىتى يەنىلا يەر ئاستىدا ئىكەن، ۋاقتىنچە يەر يۈزىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن. خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىسلاندىيە دائىرلىرى يەنىلا نارداربۇنگا يانار تېغىنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇش مەنئىي قىلىنغان رايون تەسسىس قىلدى، ھەمدە ئاۋىياتسىيە ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، مەزكۇر رايوننىڭ ئەتراپىدىكى ساياھەتچىلەرمۇ تارقاقلاشتۇرۇلدى. ئىگىلىنىشچە، ئىسلاندىيە ئاۋىياتسىيە ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ دەرىجىسى بەشكە ئايرىلىدىكەن، قىزىل رەڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۇ يانار تاغنىڭ ھەر ۋاقىت پارتلاش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىن، ھەمدە كۆپ مىقداردا ۋولقان كۈلى چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. لېكىن بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ھازىچە ئىسلاندىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمىدى، ئىسلاندىيەدىكى بارلىق ئايرودۇرۇملار نورمال خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارمۇ ئاگاھلاندۇرۇش سەۋەبلىك توختاپ قالمىدى.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى، ئىسلاندىيە ئاۋىياتسىيە ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە تارماقلىرىمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرىنى تەڭشىدى، دېدى. ياۋروپا ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى ھەر 6 سائەتتە بىر قېتىم ئىسلاندىيە يانار تاغ رايونىنىڭ كۈل دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن ئەنگلىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى: ھازىر ئىسلاندىيەنىڭ ئەھۋالى ياۋروپانىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمىدى، ئەمما يانارتاغ راستىنلا پارتلىسا ئۇنى باشقىچە ئويلىشىمىز، دېدى. نۇرغۇنلىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئىچىدە، پەقەت ئەنگلىيەنىڭ ۋىچىن ئاۋىياتسىيە شىركىتىلا لىنىيەسىنى ۋاقتىنچە ئۆزگەرتتى، بۇ شىركەتنىڭ لوندىن سانفىرانسېسكوغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلىرى ئىسلاندىيەنىڭ يانارتاغ رايونىدىن ئەگىپ ئۆتىدىغان بولدى. ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى يانارتاغنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ نورمال خىزمىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە ئويجى ئاۋىياتسىيە شىركىتىمۇ نورمال خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن كۈل تەكشۈرۈش تېخنىكىسى، سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىسلاندىيەدە يانار تاغ كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر پوستىنىڭ ھەرىكىتى جانلىق، شۇڭا ئىسلاندىيە قۇتۇپ چەمبىرىدىكى ئوت دۆلەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دۆلەتتىكى يانارتاغ 200دىن ئاشىدۇ، ئۆچمىگەن يانارتاغ 40تىن 50كىچە كېلىدۇ. رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2010-يىلى ئىسلاندىيەدىكى ئەيجافجاللاكۇل يانار تېغى پارتلاپ كۆپ مىقداردا ۋولقان كۈلى چىققان، شۇ سەۋەبلىك ياۋروپا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھاۋا تەۋەلىكىنى ئەڭ چوڭ دائىرىدە تاقىغان، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بىر ھەپتە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان، شۇ ۋاقىتتا، 10 مىڭ قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان توختاپ قالغان، دۇنيادىكى 10 مىليون يولۇچى تەسىرگە ئۇچرىغان. يانارتاغنىڭ پارتلىشى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا 2 مىليارد 500 مىليون ياۋرو بىۋاستە زىيان سالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر