باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: شياڭگاڭدىكى مەمۇرىي ئىسلاھات جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق سىرتقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز

2014.09.03 13:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 2- سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، شياڭگاڭنىڭ مەمۇرىي ئىسلاھات ئىشلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق سىرتقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز.

  چىن گاڭ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ئاللىبۇرۇن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى. شياڭگاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، شياڭگاڭنىڭ مەمۇرىي ئىسلاھات ئىشلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق سىرتقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا خەت يازغانلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى شۇكى، يېقىندا ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى «جۇڭگو-ئەنگلىيە بىرلەشمە باياناتى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە سوئال قويدى. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قەتئىي مەيدانىنى بىلدۈردى، بۇ ئىنتايىن يوللۇق ئىش، ئەقىلگىمۇ مۇۋاپىق. جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇ ھەقتە ئەنگلىيەگە مەيدانىمىزنى ئېنىق بىلدۈردى، بۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇشتەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر