باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئەنگىلىيەلىك كىيىمگە تويمىغان ئايال

2014.09.03 16:12         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 1-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، 41 ياشلىق ئېمما سىمس كىيىم سېتىۋېلىش ھەۋەسكارى بولۇپ ، ئۇ كىيىم سېتىۋېلىش خۇمارىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە جەمئىي 40 مىڭ فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 407 مىڭ 700 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ ) قەرزگە بوغۇلغان . نۆۋەتتە ئېمما يولدىشى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۆيىنى سېتىۋېتىپ قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە قەرزىنى قايتۇرۇشقا بەل باغلىغان .

  ئېممانىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا مەكتەپتە باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغاندا ئاپىسى ئۇنىڭغا كىيىم ئېلىپ بېرىپ تەسەللىي بېرىدىكەن ، بۇنىڭ بىلەن كىيىم سېتىۋېلىشقا خۇمار بولۇپ قالغان ، ھەتتا ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن . 2011–يىلى ئېمماغا ئېغىر دەرىجىدىكى ئەسەبىيلىشىش كېسىلى بار دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەر ئايدىكى كىيىم سېتىۋېلىشقا خەجلىگەن پۇلى 2000 فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 20 مىڭ 400 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ ) غا يەتكەن . ئۇنىڭ قەرزى 40 مىڭغا يەتكەندە ، ئېمما بىلەن يولدىشى ئۆيىنى سېتىۋېتىپ قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بارغان ، لېكىن ئۇنىڭ قەرز مەسىلىسى يەنىلا ھەل قىلىنمىغان .

  ئىگىلىنىشىچە ، ئېمما نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ داۋالىشىنى قوبۇل قىلىپ ، يولدىشى بىلەن بىرلىكتە قەرزىنى قايتۇرۇشقا تىرىشىۋېتىپتۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر