باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالسىلا ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكترونلۇق رويخەتكە ئېلىنمايدۇ

2014.09.01 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا «2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قايتا تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئېلېكترونلۇق رويخەتكە ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلار ۋە ئالىي مەكتەپلەردىن دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئېلېكترونلۇق رويخەتكە ئېلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرغاندا تەلەپ قىلىنىدىغان قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كىملىك، نوپۇس يۆتكەش ئىسپاتى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سالاھىيەت كىنىشكىسى قاتارلىق ماتېرىيال ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ يېزىقچە ئارخىپى، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى، ئېلېكترونلۇق ئارخىپ قاتارلىقلارنى بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ، قايتىدىن قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. سەنئەت، تەنتەربىيە كەسپى ياكى سەنئەت، تەنتەربىيەدە ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە تۈر بويىچە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا كىرىشتە كەسپ بويىچە قايتا تەكشۈرۈلۈشى كېرەك. ساختىپەزلىك، يالغانچىلىق قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سالاھىيىتى، قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ياكى ئۆزىنى باشقا بىراۋ قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇشقا كىرگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك سالاھىيىتى ئاشكارىلانمىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار، پىلان تەستىقسىزلا قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش سالاھىيىتى ئېلېكترونلۇق رويخەتكە ئېلىنمايدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر