خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-سېنتەبىر جېجاڭ ئۆلكىسى تيەنتەي ناھايەسى چىچېڭ كوچىسىدىكى 2-باشلانغۇچ مەكتەبنىڭ ئۆگزىسىدە ئايلانمىسى 200مېتىرلىق يۈگۈرۈش مەيدانى ئىشقا كىرىشتى، بۇ يۈگۈرۈش مەيدانى 36 سىنىپتىكى 1600دىن 1800گىچە ئوقۇغۇچىنىڭ نورمال ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىنىڭ ئېھتياجىنى قاندۇرالايدۇ. بىنانىڭ ئۈستىگە يۈگۈرۈش مەيدانى سېلىش جۇڭگودا تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇ لايىھە جۇڭگوغا ۋاكالىتەن «14-نۆۋەتلىك ۋىنېتسىيە خەلقئارا قوش يىللىق بىناكارلىق كۆرگەزمىسى»گە قاتناشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى