باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككى يول» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليۇرۇقى قىزغىن تەسىر قوزغىدى

2014.09.02 09:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل سچۇەن شىزاڭ، چىڭخەي شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تارماقلىرى ئارىسىدا قىزغىن تەسىر قوزغىدى.

  60 نەچچە يىلدىن بۇيان، سچۇەن شىزاڭ، چىڭخەي شىزاڭ تاشيولى روھى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى، شىزاڭنىڭ قاتنىشىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقى بىۋاستە نەپكە ئېرىشكەن شىزاڭ، چىڭخەي، سچۇەندىن ئىبارەت ئۈچ جايغا كۈچلۈك روھى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كەلدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى لوساڭ جاڭسۈن مۇنداق دېدى: سچۇەن شىزاڭ، چىڭخەي شىزاڭ تاشيولى خۇددى ئادەملەر ئارىسىدا لەپلىدەپ تۇرۋاتقان خاداغا ئوخشاش شىزاڭ بىلەن ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنى مەھكەم باغلاپ كەلدى. ھازىر لاسانى مەركەز قىلغان «ئۈچ تەرەپكە تۇتاشقان، ئىككى تەرەپنى كېسىپ ئۆتىدىغان، ئالتە يول»نى ئاساسى رامكا قىلغان تاشيول قاتناش تورى شەكىللىنىپ بولدى، تاشيول قاتناش تىرانسپورتىنى ئاساس قىلغان، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىئاتسىيەسى، پوچتىنى قۇشۇمچە قىلغان ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانىسپورت سىستېمىسى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەندى.

  چىڭخەي ئۆلكىلىك قاتناش تىرانىسپورت نازارىتى مۇنداق دېدى: چىڭخەيدىكى زاڭزۇلار رايونى بىلەن ئوتتۇرا ۋە شەرقى قىسىم رايونى، غەربىي جەنۇبىي رايونى بىلەن غەربىي شىمال رايونى تۇتاشتۇرىدىغان تىرانسىپورت يولىنى ئېچىش كېرەك. سەنشى، خېبىي، جياڭسۇ، لىياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشىيا، خۇنەن قاتارلىق قىرىنداش ئۆلكىلەر، ئاپتونوم رايون شەھەرلەرنىڭ قاتناش تىرانىسپورت تارماقلىرىمۇ بۇ ئىككى يولنىڭ روھىنى ئۈگىنىش قىزغىنلىقىغا ئاتلاندى، ئۇلار شىزاڭنىڭ قاتناش تىرانىسپورت ئىشلىرىنى مەبلەغ، ئىقتىساسلىقلار، تېخنىكا، تۈر، باشقۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىدىغانلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر