باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئېيى باشلاندى

2014.09.02 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملاپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىغىچە مۇلازىمەت قىلىش»نى باش تېما قىلغان بۇ يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئېيى پائالىيىتى 1-سېنتەبىردىن 30-سېنتەبىرگىچە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  پائالىيەت مەزگىلىدە، جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئورگانلىرى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تېخىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق بەش جەھەتتىن نۇقتىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدۇ: 1-ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملاش؛ 2-ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش؛ 3-ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسىغا تەشكىللەش؛ 4-كەسپىي تەربىيەلەش؛ 5-ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر