باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومدىكى ئاساسىي مەسئۇل يولداشلارنىڭ ۋەزىپىسى تەڭشەلدى، ۋاڭ رۇلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى

2014.09.02 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومدىكى ئاساسىي مەسئۇل يولداشلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشەپ، يولداش ۋاڭ رۇلىننى شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋە پارتكومنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش؛ يولداش يۈەن چۇنچىڭنى شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋە پارتكوم ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇپ، باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلدى.

  1-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم تەركىبىدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارىنى جاكارلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى مەركەزنىڭ قارارىنى جاكارلىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر