خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭتەي ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى شەھەرچىسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىگە ماكانلىشىپ داغدۇغىلۇق تىجارەت باشلاش-سودىگەرلەر كىرىپ ئورۇنلىشىشنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، «ھاياجانغا تولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، سېھرىي كۈچكە تولغان قاغىلىق» تېمىسىدا چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. داڭلىق سەنئەتكارلاردىن شامىل زاكىر، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق چولپانلار سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇندىدى.
سۈرەتتە: سەنئەتتىن كۆرۇنۇش.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى