باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 11مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى 10-سېنتەبىردىن بۇرۇن ئىشقا چۈشىدۇ

2014.09.01 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، «ئاپتونوم رايونلۇق 2014-يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەبلەرگە (ئالاھىدە ئوقۇتۇش مەكتەبلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يەسلىلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش كۇرسى ۋە ئۇزىتىش يىغىنى» شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، 11مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ 10 سېنتەبىرگىچە ئىشقا چۈشۈدىغانلىقى جاكارلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، قاتلاممۇ-قاتلام سىناقلاردىن تاللاش ئارقىلىق ئاپتونوم رايون بۇ يىل 11مىڭدىن ئارتۇق ئوقتقۇچى قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ (ئالاھىدە ئوقۇتۇش مەكتەبلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئوقۇتقۇچىسى 9100 دىن ئاشىدۇ، ھۆكۈمەت يەسلىسىگە قوبۇل قىلىنغانلىرى 1300 دىن ئاشىدۇ، يەنە ئاپتونوم رايون ۋاقتلىق قوبۇل قىلغان ۋە شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەب پۈتتۈرگەنلەردىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەبلەرگە قوبۇل قىلىنىپ يەسلى مۇئەللىملىرىگە قوبۇل قىلىنغان 650 تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىمۇ بار.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر