باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟

2014.09.02 11:20         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئېلىپ ئوقۇشى ئائىلە كىرىمى تۆۋەن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار پەرزەنتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بولغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر ياخشى تاللىشى بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن ئوقۇشىنى تولۇق تاماملىيالايدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى بىلمىگەچكە نېمە قىلىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ.

  1. دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئوبيېكتلىرى چوقۇم جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىدە بولغان، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئالغان ئالىي مەكتەپلەردىكى تولۇق كۇرۇس ۋە مەخسۇس كۇرۇسلاردا ئوقۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار بولۇشى كېرەك.

  2. دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەرتلىرى: 1) تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى (قورامىغا يەتمىگەنلەر قانۇنىي ۋەسىيلىرىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالغان بولۇشى) كېرەك؛ 2) قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي، راستچىل بولۇشى، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشى بولماسلىقى كېرەك؛ 3) ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ئوقۇشنى نورمال داۋاملاشتۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك؛ 4) ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن، ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىكى كىرىمى ئۇنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا كېتەرلىك بولغان ئاساسلىق راسخوتلار (ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى ۋە ئاساسلىق تۇرمۇش چىقىمى) نى تۆلەشكە يەتمەيدىغان بولۇشى كېرەك؛ 5) ئوقۇۋاتقان مەكتىپى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا قوشۇلغان بولۇشى كېرەك؛ 6) جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان ‹‹قەرز پۇل ئومۇمىي قائىدىسى››دە بەلگىلەنگەن باشقا بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

  3. دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشتا تەييارلايدىغان ماتېرىياللار: ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا دائىر ماتېرىياللار (ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ يازما ئىلتىماسى، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى، مەھەللە كوچا باشقارمىسى ياكى يېزا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ قىيىنچىلىقى بارلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتى، كېپىل بولغۇچىنىڭ كاپالەتنامىسى، مەزكۇرنىڭ ھازىرقى ئوقۇش ئىپادىسىگە دائىر ئىسپات)لار كېپىل بولغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئىسپاتلىرى قاتارلىقلار.

  4. دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ تەرتىپى: بانكا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىش ئىلتىماسىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلمايدۇ. ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى چوقۇم يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىنكى ئون كۈن مەكتەپ بېكىتكەن تارماققا بېرىپ، ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  5. دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قايتۇرۇش ئۇسۇلى: 1) ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىر قېتىمدا ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرىدۇ. 2) ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر قېتىمدىلا بارلىق قەرز پۇلنى قەرز تارقاتقۇچى تارماققا قايتۇرۇۋەتسىمۇ بولىدۇ؛ 3) ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئىدارىسى ئۇنىڭ ئىش ھەققىدىن ئايمۇ ئاي تۇتۇپ قېلىپ قايتۇرسا بولىدۇ؛ 4) دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى دۆلەت قانۇنىغا ياكى مەكتەپ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، جىنايى جازا بېرىلگەن ياكى مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ۋە ياكى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلگەن بولسا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى كېپىل بولغۇچى مەسئۇل بولۇپ قايتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر