باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم ئىسلاھاتى باشلاندى

ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرى تۆت نۇقتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2014.09.02 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئاۋغۇست، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ماقۇللىدى ھەمدە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنىڭ لايىھەسى، ۋاقىتى ۋە ۋەزىپىسى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ رەسمىي باشلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسىي نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ۋە 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇرلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دېموكراتىيەنى مەزكەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى «يۈز يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق 2020-يىلىغا بارغاندا، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، تېخىمۇ تىپىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەكلىكى دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر