4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 1-سېنتەبىر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى . شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلار ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى . كۆرگەزمىدە باھار كەبى چېچەك ئاچقان ‹‹ مارىياننا مىللىي كەشتىچىلىك چەكلىك شىركىتى ›› ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بىلەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى . شىنجاڭ ‹‹ مارىياننا مىللىي كەشتىچىلىك چەكلىك شىركىتى ›› مەخسۇس كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىپ ، مىللىي خاسلىق بىلەن زامانىۋىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەر خىل پاسوندىكى كىيىملەرنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇپ ، دىيارىمىز خانىم-قىزلىرىنىڭ گۈزەللىككە بولغان تەلپۈنىشى ۋە خاراكتېرىنى نامايان قىلدى .
بۇ شىركەت ئاساسلىقى مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان كەشتە ، مارجان كەشتە ، زەر كەشتە ، بادام كەشتە ، شارپا، ياغلىق ، ئايالچە ئۇخلاش كىيىمى ، كالتە ئىشتان ، ئىسسىقلىق ساقلاش كىيىمى قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم -كىچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدۇ . مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن شىنجاڭ ۋە ئەزەربەيجان ، ئالمۇتا ، بىشكەك ، ئۆزبېكىستان ، تۈركمەنستان ، تاجىكىستان ، ئىران، تۈركىيە، دۇبەي ، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا سېتىلىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ مارىياننا مىللىي كەشتىچىلىك چەكلىك شىركىتى 2006-يىلى 5 -ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ، ھازىرغا قەدەر سەككىز يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ ، نۆۋەتتە كىيىم-كېچەك لايىھەلەش ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئىمپورت -ئېكسپورت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مىللىي كارخانىغا ئايلانغان . ھازىر بۇ شىركەتتە 112 خادىم بار بولۇپ ، %90 ئاز سانلىق مىللەت ئايال ئىشچىلىرى ئىكەن ، شىركەتنىڭ كەسپىي كىيىم لايىھەلىگۈچىلىرى بېيجىڭ ، گۇڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى كەسپىي كىيىم لايىھەلەش كۇرسلىرىدا مەخسۇس ئوقۇپ تەربىيەلەنگەن .