باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 3 يىلدىن 5 يىلغىچە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم

2014.09.03 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2-سېنتەبىر ھۆججەت ئېلان قىلىپ، مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ باش ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلىرى بىر مەكتەپتە ئىزچىل 2 قارار ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالماشتۇرۇش؛ بىر مەكتەپتە ئىزچىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋاقتى شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتكەن يىل چېكىگە يەتكەن مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ خىزمەتكە قويۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ «ناھىيە (رايون) دائىرىسى ئىچىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ خىزمەتكە قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، 3 يىلدىن 5 يىلغىچە ناھىيە(رايون) دائىرىسى ئىچىدىكى مەكتەپلەردە مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، تۇراقلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەكشى تەقسىملەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، دۆلىتىمىز 2020-يىلىغا بارغاندا، ئالدى بىلەن ناھىيە(رايون) دائىرىسى ئىچىدىكى شەھەر-بازارلارنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇشنى يولغا قويىدۇ، كۆپ قىسىم رايونلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاساسلىق ناھىيە(رايون) دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. پىكىردە، شەھەر-بازار مەكتەپلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك مەكتەپلەردە ھەر يىلى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇش نىسبىتى ئۆلچەمگە يەتكەن ئوقۇتقۇچىلار نىسبىتىنىڭ %10 تىن تۆۋەن بولماسلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇش نىسبىتى %20 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر