خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇيەر ۋاقتى 1-سېنتەبىر قولغا چۈشۈرۈلگەن 7 توننىدىن كۆپ زەھەر لىماغا يۆتكەپ كېلىنگەن. ئىگىلىنىشىچە، ساقچى تەرەپ ترېخىللو شەھىرىدىكى كۆمۈردىن بۇ زەھەرنى بايقىغان، بۇ كۆمۈر ئەسلى پىلان بويىچە ئىسپانىيە بىلەن بېلگىيەگە ئەۋەتىلمەكچى ئىكەن. پېرۇ ھۆكۈمىتى زەھەر مېكسىكىدىكى بىر زەھەر گۇرۇھىدىن كەلگەن، دېگەن بولسىمۇ بۇ گۇرۇھنىڭ نامىنى ئېنىق دېمىگەن. پېرۇ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دانىئېل ئۇرېيستېر بۇ پېرۇنىڭ ھازىرغىچە قولغا چۈشۈرگەن ئەڭ كۆپ زەھەر، دېگەن. ب د ت نىڭ مەلۇماتىدا، كولۇمبىيە بىلەن پېرۇ دۇنيادىكى ئاساسلىق زەھەر ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى