باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان ئەمەلدارى قازاقىستاننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقساد بىرلىكىدىن چېكىنگۈسى يوقلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2014.09.03 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-سېنتەبىر قازاقىستان مەجلىسى (پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى) خەلقئارا ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەشىمبايېۋ بىر قىسىم چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ قازاقىستان ئەل باشى نەزەربايېۋنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى، قازاقىستاننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقساد بىرلىكىدىن چېكىنگۈسى يوقلىقىنى ئېيتتى.

  ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا نازاربايېۋ شۇ يەردىكى «خابار تېلېۋىزىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ناۋادا ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىساد بىرلىكى نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنمىسا، قازاقىستاننىڭ بۇ بىرلىكتىن چېكىنىدىغانلىقى، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا تەھدىد سالىدىغان بۇنداق تەشكىلاتتا قېلىۋەرمەيدىغانلىقى، مۇستەقىللىقنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سۆز نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ تۈرلۈك قىياسلارنى قىلىشىپ قازاقىستان ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىساد بىرلىكىدىن چېكىنمەكچى، دېگەن قاراشقا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر