باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى كارخانىلار سىرتقا يۈزلىنىش قەدىمىنى تېزلەتتى

2014.09.03 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىيىم كېچەك ساھەسىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىگىلىك يارىتىۋاتقان دۈەن ۋېيمىڭ 1-سېنتەبىر بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدىكى سېتىش سوممىسىنىڭ 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۆتكەن پۈتۈن بىر يىللىق تىجارەت سوممىسىدىن ئاشقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە مەبلەغ سېلىش قارارىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەندى. دۈەن ۋېيمىڭنىڭ تىجارەت كارخانىسىلا پايدىنىڭ تەمىنى تېتىپلا قالماستىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى سەھنىسى ئارقىلىق، شىنجاڭدا بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىلار دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا قەدەم تاشلىدى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 2010-يىلىدىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە مەبلەغ سالغان كارخانىلار 130 غا يەتكەن. ھازىر شىنجاڭدىن سىرتقا يۈزلەنگەن كارخانىلار مىڭدىن ئاشقان. شىنجاڭدىكى كارخانىلار ئاسىيا ياۋروپا بازىرىغا ئورۇنلىشىشنى تېزلىتىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر