باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەپەككۇرنى يېڭىلايدىغان كاتتا مەرىكە

2014.09.03 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-سېنتەبىر دۇنيانىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا تىكىلدى. 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، ھەر ساھە سەرخىللىرى جەم بولۇپ، تۈرلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى؛ ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە كېڭەشتى؛ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدەندى.

  كۆرگەزمە مەرىكىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىدىيەنى يېڭىلاش- جۇڭگو ياۋروپا ئاسىيا كۆرگەزمىسى باشلىقلار دىپلوماتىيە سەھنىسىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى خەرىتىسى بىرلىكتە سېزىلدى، تەشكىللەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش- تۇنجى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىن 4-نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگىچە خەلقئارادىكى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن 14 تىن 26گە يەتتى، مۇنبەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش-كۆرۈرمەنلەر كۈنىگە بىر كۈن قوشۇلدى، 36 مەيدان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش-كۆرگەزمە تېخىمۇ ئۆلچەملەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى قاتارلىق بارغانسېرى كۆپلىگەن ئۇچۇرلار كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

  ئۇدا تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدە ھەر نۆۋەتلىك كۆرگەزمە كۆلىمى ئاۋۋالقىدىن ھالقىدى؛ ئېچىۋېتىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بۇ ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى. بۇ قېتىم دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كاتتا كۆرگەزمە دەل تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشكە پۇرسەت يارىتىپ ، دۇنيا بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىگە سەھنە ھازىرلاندى. ئىشىنىمىزكى خەلقئارالاشقان، كەسىپلەشكەن، ئىنىچكە مۇلازىمەتكە جۈملىدىن ئېچىۋېتىش پوزىتسىيىسى ۋە قەدىمىگە تايىنىپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە چوقۇم يەنە بىر يېڭى سەھىپىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر