باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتتى

2014.09.03 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە موداپىئە ۋازارىتى يېقىندا ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىليون 50 مىليارد ياپونىيە يىنى كېلىدىغان 2015-يىللىق موداپىئە راسخوتى خامچوت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ياپونىيەنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ كۆپ موداپىئە راسخوت خامچوتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خامچوتتا يەنە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ راسخوتى كۆپەيتىلدى. ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپ بىخەتەرلىكى تەھدىتىنى داۋراڭ سېلىپ، رايوننى جىددىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي خىراجەت سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ھەربىي تەييارلىق قىلماقتا.

  ياپونىيە موداپىئە ۋازارىتىنىڭ بۇ قېتىمقى خامچوتىدىكى قۇرال سېتىۋېلىش پىلانىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە قالقان شەكىلدىكى ئىككى ھەربىي پاراخوتنى يېڭىدىن ياسايدىكەن؛ يوشۇرۇن چارلاشقا قارشى p-1 بەلگىلىك ئايروپىلاندىن 20 نى ، F-35 بەلگىلىك ئايروپىلاندىن ئالتىنى سېتىۋالىدىكەن. ھەمدە 2018-يىللىق مالىيە يىلىدىن ئىلگىرى دېڭىز بۈركۈتى بەلگىلىك ترانسپورت ئايروپىلانىدىن 17 نى سېتىۋالىدىكەن. ئابىشىنزو ھاكىمىيىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان ، ياپونىيە موداپىئە ۋازارىتىنىڭ راسخوتى ئۇدا ئۈچ يىل كۆپەيتىلدى. ياپونىيە شۇڭا ھۇجۇمچى قۇراللارنى كۆپلەپ سېتىۋالدى، بۇ قۇراللار ئۆز زېمىنىنىڭ موداپىئە ئېھتىياجىدىن ھالقىپ كەتتى.

  بۇنىڭ ئىچىدە شۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى بۇ خامچوتتا 378 مىليارد 100 مىليون ياپونىيە يىنى يوشۇرۇن چارلاشقا قارشى p-1 بەلگىلىك ئايروپىلاندىن 20 نى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ P-3C بەلگىلىك كونا چارلىغۇچى ئايروپىلانىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرىدۇ. يوشۇرۇن چارلاشقا قارشى p-1 بەلگىلىك ئايروپىلانىنى ياپونىيە موداپىئە ۋازارىتى تېخنىكا تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان. ياپونىيە موداپىئە كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي سانائەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى زورايتماقتا. بۇ قۇرال ياراق ئېكسپورتى ئۈچ پىرىنسپىدا بۆسۈش ياسالغاندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى موداپىئە جابدۇقلىرى ئېكسپورتىنى زورايتىدۇ ۋە بۇنىڭغا تەدرىجىي ئاساس سالىدۇ.

  قۇرال ياراق ئېكسپورتى ئۈچ پرىنسىپىدىن ۋاز كېچىشتىن كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئى قىلىشنى بوشىتىشقىچە غەربىي جەنۇبقا قاراپ ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن خۇپىيانە ھەرىكەتلىرىگىچە ، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىنغان قۇرۇقلۇق ، دېڭىز، ھاۋا قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئارالنى ئىگىلەش بىرلەشمە مانېۋىرىغىچە ، 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ھەربىي خىراجەت خامچوتى 2-دۇنيا ئۇرۇشدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئاجرىتىلغانغىچە ياپونىيىنىڭ ھەربىي كۈچى ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق ئاساسىي قانۇن چەكلىمىسىدىن ئاللا بۇرۇن ھالقىپ كەتتى. تاشقى دۇنيا ئابىشىنزو ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى زورايتىش يولىدا مېڭىۋاتقانلىقى، تىنچلىق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ياپونىيىنىڭ زومىگەرلىكى بارغانسېرى ئاشكارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە.

  ئابىشىنزونىڭ كۆڭلىدىكىدەك خامچوتى بار ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىستراتېگىيىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يۈزەكى جەھەتتىن ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، پەردە ئارقىسىدا سېلىنمىنى زورايتىپ، ئۆزىنى يېڭى باشتىن قوراللاندۇرۇشۇش.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئابىشىنزونىڭ تېخىمۇ يامان غەرىزى شۇكى كەلگۈسىدە ياپونىيە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا مادارى يەتمىگەندە ياپونىيىنى ئورنىنى ئېلىشقا ھاۋالە قىلىپ، ئالماشتۇرۇش شەرتى سۈپىتىدە ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش،ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش ھەتتا 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى قېلىپنى بۇزۇش، ياپونىيەنىڭ نورمال دۆلەتكە ئايلىنىشىغا يول قويۇش . شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ئابىشىنزو بۇ نىشانىنى قىسمەن ئىشقا ئاشۇردى، كېيىنكى باسقۇچتا ئابىشىنزو ھۆكۈمىتى ھەربىي تېخنىكىنى زورايتىپ، ھەربىي قۇرال ياراقلارنى سېتىپ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا ئابىشىنزو ياپونىيە ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يولنى چىڭ تۇتماقتا ھەم قايتىدىن ھەربىي ئىشلار چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىش غەرىزىدە بولماقتا.

  مىلىتارىزمنى تىرىلدۈرۈش كويىدا بولىۋاتقان ئابىشىنزو ھاكىمىيىتى ياپونىيىنىڭ ھەربىي تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ياپونىيىنىڭ قورال ياراقلىرىنى سېتىپ،قايتىدىن ھەربىي چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىشقا تەييارلىق قىلماقتا. لېكىن قۇرال كۈچى كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلالمايدۇ. پەقەت ئىشەنچىسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. ھەمدە ئۆچمەنلىك ۋە ئۇرۇش ئوتىغا سۆرەيدۇ. ياپونىيىنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتە زورىيىشىنى ئاسىيا خەلقى قوبۇل قىلالمايدۇ، دۇنيا خەلقىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر