باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى

2014.09.01 09:37         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن نەنجىڭدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا تورى، نەنجىڭ، 28-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن نەنجىڭدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە بىلەن مەدەنىيەت، مائارىپنى مۇكەممەل دەرىجىدە بىرىكتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرىنى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشتىكى ياخشى سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن دۇنياغا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك ئولىمپىك غايىسىنى نامايان قىلىپ بەردى، يەنە ئىتتىپاق، دوستانە، ئىناق، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئىنسانىي روھنى نامايان قىلىپ بەردى. گەرچە نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاياغلاشقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە ئولىمپىك روھى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلار بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرى ناھايىتى زور ئىلگىىلەش ۋە تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئومۇم خەلق ساغلاملىق ھەرىكىتىگە داۋاملىق زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ. بېيجىڭ شەھىرى بىلەن جاڭجياكو شەھىرى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان نامزات شەھەرلەر قاتارىغا كىردى، جۇڭگو خەلقى بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈشكە ئىقتىدارى، ئىشەنچى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر