باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئۈرۈمچى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىلەن تەڭ جۇلالىنىدۇ

2014.09.03 15:05         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 – سېنتەبىردىن 6 – سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹ئۈرۈمچى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، مەدەنىي، مۇقىم، ھەرمىللەت كىشىلىرى ئىناق ئۆتۈۋاتقان گۈزەل ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارالىق تەسىر كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى مول ھەم رەڭدار بولۇپ، ئۇ سەھنە ئويۇنى، مەدەنىيەت – سەنئەت كۆرگەزمىسى، كىنو ھەپتىلىكى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قاتارلىق تۆت چوڭ تۈردىكى 210 مەيدان پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەدەنىيەت ھەپتىلىكىنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، يەنە 20 مەيدانغا يېقىن ئەل ئىچى ھۈنەر – سەنئىتى، گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق قاتارلىق كۆرگەزمە، مەدەنىيەت مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لاردا يەنە 190 مەيدانغا يېقىن مول مەزمۇنلۇق، ئۆزگىچە، كۆپ خىل شەكىلدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە تۈرلۈك كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان كىنو ھەپتىلىكىدە شىنجاڭ تېما قىلىنغان مۇنەۋۋەر فىلىملەر تاللىنىپ، شەھەرنىڭ ھەرقايسى مەھەللىلىرىدە قويۇلىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسى ‹‹ئايبۇلاق››، ‹‹دۆلەتنىڭ شۆھرىتى››، ‹‹بورتالا مەڭگۈلۈك ئەسلىمە›› قاتارلىق نادىر رادىيو دىراممىلىرىنى ئاڭلىتىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹جۇئېنلەي››، ‹‹تيەنئەنمېن››، ‹‹چيەن شۆسېن›› قاتارلىق نادىر فىلىملەرنى كۆرسىتىدىكەن، ‹‹قىزىل گالىستۇك››، ‹‹ئاق بۆجەن›› قاتارلىق بالىلار تىياتىرلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىياتىرخانىلىرىدا ئوينىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر