28-ئاۋغۇست، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ نەنجىڭدا 2-نۆۋەتلىك ياشلار يازلىق ئولىمپىك نەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇاسبىقىسى پىدائىيلىرىنى مەخسۇس يوقلاپ، 20 مىڭدىن ئوشۇق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ئولىمپىك پىدائىيسىدىن ھال سورىدى. جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى تارقاتقان، ليۇ جېن فوتوسى
«دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ماددىي تەرەققىياتىقا تايىنىپلا قالماستىن، ئەخلاق ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشمىزغا توغرا كېلىدۇ.» 28-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نەنجىڭغا يېتىپ بارغان گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، ئۇدۇل نەنجىڭ كۆرگەزمە مەركىزىدىكى پىدائىيلار تۇرالغۇسىغا بېرىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىنى يوقلىدى. زۇڭلى ئۇلارنى پىدائىيلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى