باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو- ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش ترانسپورت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2014.09.03 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-سېنتەبىر جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش ترانسپورت باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىپەك يولى، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى بولدى. قاتناش ترانسپورت مىنىستىرى ياڭ چۈەنتاڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قاتناش مىنىستىرلىرى ۋە ئالاقىدار ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈستىدە كېڭەشتى.

  ياڭ چۈەنتاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ؛ باراۋەر، ئېچىۋېتىش ، ھەمكارلىشىش، تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىش، يول بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان چوڭ ئىش،شۇنداقلا بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى.ئۇ مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى:

  1.خەلقئارا تىرانسىپورت يولى قۇرۇلۇشىنى تىز ئىلگىرى سۈرۈش.

  2.ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسىپورت تورىنى تىز بەرپا قىلىش.

  3. ئەشيا ئوبوروت ساھەسىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش.

  4.قاتناش تىرانسىپورت ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر