باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كۆرگەزمىدىكى ‹‹ ئۇز›› خوتەن(1)

2014.09.03 08:35   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

كۆرگەزمىدىكى ‹‹ ئۇز›› خوتەن(1)

  4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 2-سىنتەبىر كۈنى قەۋەتلا قىزىپ كەتتى . شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كۆرگەزمە ئورنى دۇنياغا داڭلىق بولغان خوتەن گىلىمى بىلەن خوتەن ئەتلىسىنى كۆرگەزمە قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى . بۇنىڭ ئىچىدە ، ئالىم مەخمۇت قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن گىلەم ، ئاتاغلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ ئىز ›› ناملىق شېئىرى چۈشۈرۈلگەن گىلەم كىشلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى . چەت ئەللىك مېھمانلار بۇ كۆرگەزمە ئورنىدا دۇنياغا داڭلىق خوتەن گىلەملىرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە نەق مەيداندا گىلەمنىڭ توقۇلۇش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشتى .

  نۆۋەتتە ، خوتەن ئەتلىسى ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرى ياقتۇرىدىغان ئەتىۋارلىق بۇيۇم بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى خەلقئارادىمۇ داڭلىق كىيىم لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ كىيىم لايىھەلەشتىكى ئىلھام بۇلىقىغا ئايلاندى . خوتەن ۋىلايىتى بۇ خىل ئېھتىياجغا ماسلىشىش ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئالاھىدىلىكى ۋە گۈزەللىك قارىشىغا ماس بولغان رەڭ ۋە نۇسخىدىكى تېخىمۇ سۈپەتلىك ئەتلەسلەرنى توقۇپ چىقىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇپ ، ھەرقايسى رايونلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى .

  ئىگىلىنىشىچە ، خوتەن ۋىلايىتى بۇ قېتىم گۇما مەرۋايىت گىلەمچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ، كېرىيە يادىكار گىلەمچىلىك كارخانىسى ، قاراقاش بازىرى گىلەمچىلىك كارخانىسى ، لوپ ئىناق گىلەمچىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 40 قا يېقىن گىلەمچىلىك ، توقۇمچىلىق شىركىتىنىڭ گىلەملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ ، يەرلىك كارخانىلارنى چەت ئەللەر ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ، خوتەننىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى .

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ سەنئەت–تاراتقۇ كەسپىي ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز …
      ·بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ماسلىشامسىز
      ·ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قانداق ئىلتىماس…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى …
      ·شىنجاڭدا 11مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى 10-سېنتەبىردىن بۇرۇن ئىشقا چۈشىدۇ
      ·شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتيازلىق تەتىلنى ۋاقتىنچە ئويلاشمىدى
      ·شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشتە يېڭى ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ
      ·پەرۋەردىگار بالامنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي
      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…