باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەزىپە تەمىناتى بىلەن كەسىپ ئىستېمالى ئېنىق ئايرىلدى

دۆلەت كارخانىسى مەسئۇللىرىنىڭ «ۋەزىپە ئىستېمالى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2014.09.03 12:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەزىپە تەمىناتى بىلەن كەسىپ ئىستېمالى «ۋەزىپە ئىستېمالى»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى

  «مەركەز كارخانىسى مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپە تەمىناتى، كەسىپ ئىستېمالىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ۋە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» يېقىندا ماقۇللاندى. «پىكىر»نىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولسا، بۇرۇنقى ھەر خىل ھۆججەت ۋە خەۋەرلەردە دائىم قوللىنىلىدىغان كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپە ئىستېمالى، ۋەزىپە تەمىناتى ۋە كەسىپ ئىستېمالى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىندى ۋە تەڭشەلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ فۇشۇن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ۋەزىپە ئىستېمالى» ئەسلىدە كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىش كاپالىتى ۋە ۋەزىپە ئادا قىلىش چىقىمىنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك ئومۇمىي ئاتىلىشىنى كۆرسىتەتتى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى نامۇۋاپىق ئىستېمال جەمئىيەتتە ئىنتايىن ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك، بۇنىڭغا قىسمەن كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەش ئامىلى ۋە ۋەزىپە ئىستېمالىنىڭ ئېنىق ئايرىلماسلىقى ۋە مۇناسىپ قاتتىق بولغان مالىيە تۈزۈمى ئۆلچىمىنىڭ كەمچىل بولۇش ئامىلى سەۋەب بولغان. بەزىلەر ۋەزىپە ئىستېمالىنى ھەممە نەرسىنى سالغىلى بولىدىغان بىر سېۋەتكە ئوخشىتىۋاتىدۇ.

  «پىكىر»دە كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ «ۋەزىپە ئىستېمالى» دېگەن نام بىكار قىلىندى. ئەسلىدىكى مۇۋاپىق، زۆرۈر بولغان ۋەزىپە ئادا قىلىش كاپالىتى ۋە مۇۋاپىق چىقىم «ۋەزىپە تەمىناتى» ۋە «كەسىپ ئىستېمالى» دەپ ئايرىپ بەلگىلەندى. شۈ فوشۇن يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە تەمىناتى ۋە مالىيە تۈزۈمى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەسپىي چىقىمدىن سىرت، دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ھېچقانداق «ۋەزىپە ئىستېمالى» بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر