باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار مىنىستىرلىرى يىغىنى يېپىلدى

2014.09.09 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 21-قېتىملىق ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار مىنىستىرلىرى يىغىنى يېقىندا نەنجىڭدا يېپىلدى. يىغىندا «ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەنجىڭ خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى، بۇ خىتابنامە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىي قىلىشىنى مۇھىم قىبلىنامە بىلەن تەمىن ئەتتى، بۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ بىرى.

  ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتەك قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «نەنجىڭ خىتابنامىسى»دا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى ھەمدە ھەرقايسى ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىشى ۋە قۇرۇشى ھەمدە مەخسۇس قەرز تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىش، ھەرقايسى ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ھەمكارلىقىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە مەدەت بېرىش تەشەببۇس قىلىندى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى مياۋ شۈ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا كەسىپلەرنىڭ كوللېكتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىش، بىلىم ۋە تېخنىكىنى يۆتكەپ ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىق ۋە بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىش، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ماقۇللاندى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر