ماتېرىيال سۈرەت
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : ‹‹ ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى ›› نىڭ 3-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ياپونىيە 2-قېتىملىق ئابې شىنزو ئىچكى كابىنېتى 3-سېنتەبىر قايتا تەشكىللەنگەن بولۇپ ، خان ئوردىسى گۇۋاھلىق بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن . باش ۋەزىر ئابې شىنزو باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن : تۈرلۈك سىياسەتلەرنى دادىل ، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈش ئۈچۈن بىز ئىچكى كابىنېتنى قايتا تەشكىللىدۇق .
ئابىې شىنزۇ يەنە مۇنداق تەكىتلىگەن : بىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى داۋاملىق 1-ئورۇنغا قويۇپ ، پۇل قىسلىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.