باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ، ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسىدىن پايدىلىنىلىدۇ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ

2014.09.05 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى»نى ئېلان قىلدى، بۇ يېڭى نۆۋەتلىك ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇل خادىمى بۇ قېتىملىق ئىسلاھات توغرىسىدا مۇخبىرىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  2014-يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ، 2017-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ، 2020-يىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ سۇئال: بۇ قېتىمقى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشان-ۋەزىپىسى نېمە؟ جاۋاب: بۇ قېتىمقى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشانى: 2014-يىلى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلاش، 2017-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، 2020-يىلى جۇڭگوچە زامانىۋى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىش.

  ئىسلاھات ۋەزىپىسى تۆۋەندىكى بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ تەقسىمات شەكلىنى ياخشىلاش. ئىككىنچى، ئىمتىھان شەكلى ۋە مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىش. ئۈچىنچى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش. تۆتىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش. بەشىنچى، ئاز ساندىكى ئۆلكە (شەھەر)لەردە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش.
سۇئال: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدىكەن، ئۇنداقتا باھانىڭ چىن ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېلىپلاشقان ئۇنىۋېرسال ساپا ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى گەۋدىلىك ئىپادىلىرىنى ئوبيېكتىپ خاتىرىلىنىدۇ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق، ئۆگىنىش نەتىجىسى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى، قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچىدىن، تەرتىپنى چىڭىتىپ، نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق-ئاشكارىلىققا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئۇنىۋېرسال ساپا باھالاشنىڭ ئاساسىي تەلەپلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، مەكتەپلەر يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەتتە ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قوشۇش تۈزۈمى بىكار قىلىنىدۇ، سىناق قىلىنىدىغان رايونلاردا ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر