باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش تۈرى ئازايتىلىپ، رايونلار ۋە شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتى جەھەتتىكى پەرق ئازايتىلىدۇ

بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرى بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدۇ

2014.09.05 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ4-سېنتەبىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ يۈبو، ليۇ لىمىن، مىنىستىر ياردەمچىسى لىن خۇيچىڭ ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتتا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان مەسىلىلەر زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىنىپ، رايونلار ۋە شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتى جەھەتتىكى پەرق كىچىكلىتىدۇ، يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيتىلىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش تۈرى ۋە نومۇر قىممىتى ئازايتىلىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى بىلەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھانى ئايرىم ئېلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىر بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ۋە ئىمتىھان نومۇرىغىلا ئاساسلىنىدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا «ئىككىنى ئاساس قىلىش، بىردىن پايدىلىنىش»، يەنى بىرتۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسىدىن پايدىلىنىش يولغا قويۇلىدۇ. تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق رايونلار ۋە شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتى جەھەتتىكى پەرق ئازايتىلىپ، 2017-يىلىغا بارغاندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان ئۆلكە بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى ئارىسىدىكى پەرق %4 ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ. جايلار بولۇپمۇ كۆچمە نوپۇس كۆپ چوڭ شەھەرلەر نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە بۇ قېتىمقى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا سىياسەتنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنى ئىنچىكە ئىشلەش ۋە ئەمەلىلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ شۇ يەردە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا ئىككى تۈرلۈك مايىللاشتۇرۇش سىياسىتى قوللىنىدۇ، 2017-يىلىغا بارغاندا نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىدىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى كۆرىنەرلىك ئاشۇرۇلىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر