رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-سېنتەبىر ئۇلانباتۇرغا يېتىپ بېرىپ ، موڭغۇلىيەدە ئېلىپ بارىدىغان قىسقا مۇددەتلىك خىزمەت زىيارىتىنى باشلىدى
يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى : رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-سېنتەبىر ئۇلانباتۇرغا يېتىپ بېرىپ ، موڭغۇلىيەدە ئېلىپ بارىدىغان قىسقا مۇددەتلىك خىزمەت زىيارىتىنى باشلىدى . چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، پۇتىن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ، موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولغان . موڭغۇلىيە مۇتەخەسسىسلىرى پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى موڭغۇلىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ، رۇسىيەنىڭ موڭغۇلىيەگە بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىدۇ ، دەپ قارىدى . رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ياردەمچىسى ئۇشاكېف مۇنداق دېدى : مەن رۇسىيە-جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئۈچ تەرەپنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
پۇتىن بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئۇلانباتۇردا ئۆتكۈزۈلگەن 1939-يىلىدىكى قاراخ دەرياسى جېڭى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش ، كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان .