2014-يىللىق شىمالىي ئەتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى 4-سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ۋېلېش نېۋپورت شەھىرىدە باشلاندى . ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ، ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى قاتارلىقلار ئۇكرائىنا مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنى 4-سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ۋېلېش نېۋپورت شەھىرىدە باشلاندى .ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ، ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى . ئىككى كۈن ئېچىلىدىغان بۇ يىغىندا ئۇكرائىنا مەسىلىسى ، ئافغانىستان مەسىلىسى ، ھەربىي خىراجەتنى ئۆستۈرۈش ، رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەربىي كۈچ قاتارلىقلار نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ . شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسمۇسسېن يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى .
بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى 1990-يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەنىدى ، ئارىدىن 24 يىل ئۆتكەندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەنگلىيەدە جەم بولۇشى ھېسابلىنىدۇ .
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى . شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەمراھ دۆلەتلىرى ، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ يىغىنغا قاتناشتى .