باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نەزەرباغ بازىرى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەڭ گۈزەل خانىم-قىزلار»، «ئەڭ گۈزەل ھويلا-ئارام»، «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» نى باھالاپ مۇكاپاتلاش پائالىيتى ئۆتكۈزدى

2014.09.05 11:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرى يۇقارقى موللازەيدى كەنتىدە، «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىناق، گۈزەل يېزا قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەڭ گۈزەل خانىم-قىزلار، ئەڭ گۈزەل ھويلا، ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  بۇ بازار زامانىۋىي مەدەنىيەتتە ئۈلگە كەنت بولۇش تۈرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇچۇن، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، زامانىۋىي مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن بىلەن بالا تەربىيەلەش، ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادار بولۇش، سەمىمىي-راستچىل بولۇش، مىننەتدارلىق تۇيغىسىدا بولۇشتەك جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنى تەشۋىق قىلىپ، نەزەرباغ بازارلىق پارتكوم بىلەن ئاپتونوم رايۇنلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گورۇپپىسى ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يۇقارقى موللازەيدى كەنتىنى «ئەڭ گۈزەل خانىم-قىزلار»، «ئەڭ گۈزەل ھويلا»، «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» پائالىيىتىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچتىكى سىناق نوقتىسى قىلىپ بېكىتتى.باھالاش گورۇپپىسىدىكىلەر ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىدە 60 نەپەر «ئەڭ گۈزەل خانىم-قىزلار»نىڭ ئىلغار تىپىنى، 30 «ئەڭ گۈزەل ھويلا» نى، 30 «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نى تاللاپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قىز-ئاياللار ھوقۇق-مەنپئىەتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سانىيە مامۇت ئىلغار بولغانلارغا تەقدىرنامە ۋە مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى. «ئەڭ گۈزەل خانىم-قىزلار» مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئايشەمگۇل ئەيسا مۇكاپاتلاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ:«بىز چوقۇم دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ چۈشەپ قويۇشىدىن ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ، چىرايلىق كىيىنىپ ھازىرقى زامان ئاياللىرىدىن بولىمىز»دېدى.باھالاش-تەقدىرلەش پائالىيىتى زامانىۋىي مەدەنىيەت تارقىتىپ، ساغلام- مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەسەببۇس قىلدى ھەم پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر