باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇرۈمچى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپلانى قەشقەر ئايرودرومىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى

2014.09.05 11:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 29-كۇنى سائەت 16 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇرۈمچى ئاۋىئاتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپلانى ئۇرۈمچىدىن قەشقەر ئايرودرومىغا بىخەتەر ئۇچۇپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇرۈمچى ئاۋىئاتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قەشقەرگە نۆۋەتچى ئايروپلان سالغان 11-ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولۇپ قالدى.

  بۇ قېتىمقى تۇنجى ئۇچۇشتا، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كەلگەن يولوچى 135، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان يولوچى 175 نەپەر، 186 يولۇچى ئولتۇرغىىلى بولىدىغان بوئىن 737—800 تىپلىق ئايروپلان قاتنىدى. بۇ نۆۋەتچى ئايروپلان ھەپتىدە يەتتە نۆۋەت ئۇچىدىغان بولۇپ، ھەر كۇنى چۇشتىن كېين سائەت 14:00 تە ئۇرۈمچى ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:40 تە قەشقەر ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىدۇ، سائەت 16:15 دە قەشقەر ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ، 17:40 دە ئۇرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇرۈمچى ئاۋىئاتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۇنى جوڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بويىچە قۇرۇشقا تەييارلىنىپ، 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۇنى ئۇچۇش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، شىركەت ئورنى ئۇرۈمچىدە.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر