باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆكخوت شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى تاڭ ئەيجۈن قاتارلىق تۆت ئەمەلدار تەپتىش ئورگىنى تەرىپىدىن دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلدى

2014.09.05 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-چېسلا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، كۆكخوت شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى تاڭ ئەيجۈن قاتارلىق تۆت نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىر تەپتىش ئورگىنى تەرىپىدىن دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.

  يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كۆكخوت شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى تاڭ ئەيجۈن (نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىنى دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. دېلونى تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  يېقىندا ئەنخۈي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەنخۈي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جياڭ شەن (نازىر دەرىجىلىك)نىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، پارا ئېلىش جىنايىتىنى دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. دېلونى تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  يېقىندا يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يۈننەن ئۆلكىسى پۇئېر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ لىجۈ (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىنى دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. دېلونى تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  يېقىندا چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، خەيدۇڭ سانائەت باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇسىرى دۇڭ پۇ (نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىنى دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈش ھەمدە مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى قوللىنىشنى قارار قىلدى. دېلونى تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر