باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە 3200 ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

2014.09.05 11:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەشتە خىزمەت سالمىقى زورايتىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 3200 ئائىلىدىكى 14 مىڭ 500 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

  كۇچا ناھىيەسى نامرات كەنتلەردە كەنت دەرىجىلىك ھەمكارلىق- تەرەققىيات جەمئىيىتى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلارنى بەس-بەستە ئەزا بولۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. كەنتتىكى تارقاق مەبلەغنى جۇغلاش، مالىيەدىن تولۇقلىما بېرىش، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ھەل قىلىپ بېرىش ۋە جەمئىيەتكە ئەزا بولۇپ كىرگەنلەردىن ئەزالىق ھەققى يىغىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەبلەق توپلاپ، نامرات ئائىلىلەرگە ھەقلىق تارقىتىپ بەردى. جەمئىيەتكە ئەزا قوبۇل قىلىش، چېكىندۈرۈش، مەبلەغ ئىشلىتىپ باشقۇرۇش، تارقىتىلغان مەبلەغنى ۋاقتى توشقاندا يىغىۋېلىش ۋە كۆرۈلگەن زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ ئىجراسىنى چىڭ تۇتتى. بۇنىڭ بىلەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك تىكلەشتە مەبلەغ يىتىشمەسلىك مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. بۇ ناھىيە بۇ يىل يەنە ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 7 مىليون 370 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ھەل قىلىپ، نامرات كەنتىلەردىكى نامىرات

  ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مەخسۇس ئىشلەتتى. نەتىجىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا 3200 ئائىلىدىكى 14 مىڭ 500 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر